تارىختىكى تۇنجى شەھەر پىلانى ۋە ھىپپوداموس

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە بۈگۈنكى كۈندىمۇ قوللىنىلىۋاتقان تۇنجى شەھەر پىلانى ۋە ھىپپوداموس ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.

1863576
تارىختىكى تۇنجى شەھەر پىلانى ۋە ھىپپوداموس

تۇنجى شەھەر پىلانى ۋە ھىپپوداموس

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئادەملەر توپى، قاتناش قىستاڭچىلىقى، قالايمىقانچىلىق ۋە ئالدىراشچىلىق… بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىڭىزدا كاللىڭىزغا قەيەر كېلىدۇ؟ كۆپىنچە كىشىلەرگە ئوخشاشلا سىزنىڭ ئەقلىڭىزگە شەھەرلەر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، دەۋرىمىز شەھەرلىرىدە تۇرمۇشنىڭ رېتىمى تېز سۈرئەتتە ئاقىدۇ. شەھەرلەرنىڭ دائىرىسى كېڭىيىپ كەتكەن بولغاچقا، كىشىلەر بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يېتىشىۋېلىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ياشايدۇ. پىلانلىق شەكىلدە تەرەققىي قىلىشى مۆلچەرلەنگەن شەھەرلەر، ئوخشىمىغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن پىلاندىن ھالقىپ كېتىدۇ-دە، قالايمىقانچىلىق باشلىنىپ كېتىدۇ.

شەھەرلەرنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى مەسىلىسى قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپلا كىشىلەرنى ئويلاندۇرۇپ  كەلدى. ئۆز دەۋرىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلىرى ئەپلاتۇن بىلەن ئارىستوتىل بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئېنىق شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويغان، شەھەرلەرنى قەيەرگە ۋە قايسى پىرىنسىپلارغا ئاساسەن قۇرۇش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغانىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كۆڭۈلدىكىدەك جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئامىللىرىنىڭ بىرى پىلانلىق قۇرۇلغان شەھەر قۇرۇش مۇساپىسىنى بېسىپ ئۆتەتتى. شەھەر قۇرۇلۇشلىرىنى پىلانلاشقا مۇناسىۋەتلىك ئاساسلىق نەزەرىيەلەرنىڭ بىرى «تور شەكىللىك شەھەر پىلانى» بولۇپ، قەدىمكى دەۋرلەردە تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى. بۇ پىلاننى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئىجرا قىلغان كىشى بولسا، مىلەت (مىلېتۇس)لىك، يەنە بىر نامى بويىچە دېگەندە ئايدىنلىق ھىپپوداموس ئىدى.

«ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكانىڭ نۇرغۇن شەھەرلىرىدە ھېلىھەم ئىجرا قىلىنىۋاتقان ئەڭ قەدىمىي شەھەر پىلانى ۋە ھىپپوداموس ھەققىدە توختىلىمىز؛ سىز بۇنىڭدىن 2500 يىل بۇرۇنقى چاغلارغا قايتىشقا تەييارمۇ؟

* * * * *

پەلسەپە، ئىلىم-پەن ۋە سەنئەتنىڭ پايتەختى دېگەن نام بىلەن تونۇلغان مىلەت، يەنى بۈگۈنكى كۈندىكى ئايدىن، ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ مۇھىم گىرېك شەھەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى. قەدىمكى دەۋردىكى يەتتە دانىشمەننىڭ بىرى سۈپىتىدە تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئورۇن ئالغان تالېسمۇ مىلەتلىك ئىدى. تالېس ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى بۇ شەھەردە مۇسبەت (تەبىئىي پەن) ئىلىم ۋە پەلسەپەنىڭ ئۇلىنى قويدى. ئۇلار ھازىرغىچە مەلۇم بولغان تۇنجى پەلسەپە مەكتىپى — «مىلېتۇس مەكتىپى»نىڭ تۇنجى ۋەكىللىرى بولدى. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئۆز دەۋرىنىڭ سەۋىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن بۇ ھەيۋەتلىك شەھەر پارسلارنىڭ قەدىمكى دەۋرنى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن ئىستىلالىرى نەتىجىسىدە يەر بىلەن يەكسان قىلىندى. پارسلار يەتكۈزگەن زور تالاپەتتىن كېيىن، شەھەر يېڭى بىر پىلانغا ئاساسەن قايتا قۇرۇلدى. بۇ قۇرۇلۇشلارنى بىر - بىرىنى تىك شەكىلدە كېسىشىپ تۇرىدىغان تىك تۆت بۇلۇڭلۇق جايلارغا سېلىشنى نىشان قىلغان بىر پىلان ئىدى. «تور» ياكى «شاھمات تاختىسى» دەپ ئاتالغان بۇ شەھەر قۇرۇلۇشىنى پىلانىنى تۇنجى قېتىم ئىجرا قىلغان كىشى مىلەتلىك ھىپپوداموس بولدى. بۇ پىلان ئاددىي ۋە فۇنكسيەلىك بولغاچقا، نۇرغۇن شەھەرلەردە يولغا قويۇلدى.  ھەتتا ئۇ ئارىدىن نەچچە ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنمۇ ئەڭ ياقتۇرۇلىدىغان شەھەر پىلانى بولۇشنى داۋاملاشتۇردى. تور شەكىللىك شەھەر پىلانىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۈچۈن بارسېلونا ۋە مانخاتتاننى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزىلا كۇپايە. چۈنكى بىز دەۋاتقان بۇ مەشھۇر ئولتۇراق رايونلار، ھىپپوداموسنىڭ بۇنىڭدىن 2500 يىل ئىلگىرىكى شەھەر پىلانىغا ئاساسەن قۇرۇلغان.

* * * * *

ھىپپوداموس بىناكار، ماتېماتىك، تەبىئەتشۇناس ۋە پەيلاسوپ بولسىمۇ، مىلەتتە تەتبىقلىغان شەھەر پىلانى سەۋەبىدىن، دۇنيادىكى تۇنجى شەھەر پىلانلىغۇچىسى دەپ قارىلىدۇ. ئۇ پىلانىنى لايىھەلەشتە، مۇكەممەل، تەرتىپ – ئىنتىزاملىق كائىناتنى ئۈلگە قىلغانىدى. قەدىمكى دەۋردىكى «غايىگە يېتىش» ئىدىيەسى ھەرقانداق مەسىلىدىكىگە ئوخشاش شەھەرلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. ھەممە نەرسە مەلۇم گېئومېتىرىيەلىك تەرتىپتە ۋە ئۆزئارا ماس كائىنات مودېلى، ھىپپوداموسنىڭ قارىشىچە ئەڭ مۇۋاپىق ئۆلچەم ئىدى. بۇ تەرتىپ – ئىنتىزامنىڭ تەرتىپسىزلىك ئۈستىدىن غالىب كېلىشىدۇر.

ھىپپوداموس، كۆڭۈلدىكىدەك شەھەرنىڭ رەتلىك ۋە دېموكراتىك ئۇسۇلدا پىلانلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەرنى تىك تۆت بۇلۇڭلۇق شەكىللەرگە ئايرىش ئارقىلىق باراۋەرلىك پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلدى. شۇڭلاشقا، شەھەردىكى ئۆيلەر ئوخشاش چوڭلۇقتىكى يەرگە بىر - بىرىگە ئوخشاش قىلىپ سېلىندى. ھۆكۈمران سىنىپقا تەۋە قۇرۇلۇشلارمۇ باشقىلاردىن پەرقلەنمەيتتى. ھىپپوداموس قانچىلىك مۇھىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاممىۋى ۋە دىنىي ئىمارەتلەردىمۇ ئوخشاش پىرىنسىپقا ئەمەل قىلدى. نەتىجىدە، سىستېمىلىق ھالدا تەكرارلىنىدىغان تەرتىپلىك شەھەر پىلانى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، تور پىلانى ئەندىزىسى ئارقىلىق شەھەرلەرنىڭ پىلانسىز كېڭىيىشى، مۇلازىمەتلەرنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە دۆلەت  نوپۇزىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغان بولاتتى.

ھىپپوداموس يېڭىچە شەھەر ئەندىزىسىنى يەر شەكلىنىلا ئەمەس، جەمئىيەتنىمۇ شەكىللەندۈرۈشنى كۆزلەپ ئوتتۇرىغا قويدى. چۈنكى ئۇ ئىناقلىقنى بىنا ياكى كوچىلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ، دەپ قارايتتى. ئۇ بۇنى ئويلاپ، قول ھۈنەرۋەنلەر، دېھقانلار ۋە جەڭچىلەر ئۈچۈن ئون مىڭ كىشىلىك جايلارنى ياساپ چىقتى. ئاسان تەتبىقلىغىلى بولىدىغان تور شەكىللىك شەھەر ئەندىزىسى ئۇزۇن ئۆتمەيلا مىلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى جايلاردا يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى. بۇ پىلان ئانادولۇنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىكى پرىئەن، سىمرنا ۋە كىنىدوس قاتارلىق  شەھەرلىرىدىمۇ  يولغا قويۇلۇشقا باشلىدى.

* * * * *

قەدىمكى دەۋرلەردىن باشلاپ، مۇتەپەككۇرلار ۋە دۆلەت ئەربابلىرى پىلانلىق ۋە تەرتىپلىك شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىقىش ئۈستىدە ئويلىنىپ كەلدى. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرغان تۇنجى كىشى مىلەتلىك ھىپپوداموس بولدى. ئۇ ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان مودېلنى ياشاۋاتقان شەھىرىدە يولغا قويغان بولۇپ، مىلەت ئانادولۇنىڭ تۇنجى پىلانلىق بەرپا قىلىنغان شەھىرىگە ئايلاندى. بۇ مودېل سايىسىدا قالايمىقانچىلىققا خاتىمە بېرىلدى، شەھەرلەر تەرتىپكە چۈشتى. قايسى قۇرۇلۇشنىڭ قەيەرگە سېلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا قانچىلىك يەر ئاجرىتىلىدىغانلىقى ئېنىق بولدى. شۇنداق قىلىپ، ئىختىيارى ۋە كونترولسىز ئولتۇراقلىشىشنىڭ ئالدى ئېلىنىپ، ئەقىلگە ئۇيغۇن فۇنكسىيەلىك شەھەرلىشىش مۇساپىسى باشلاندى. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەتنىڭ شەخسىي ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرنى كونترول قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىلدى. بۇ پىلاننىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنىڭ بىرى، شەھەرنىڭ كەلگۈسى ئېھتىياجى ۋە نوپۇسىنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇپ لايىھەلىنىشىدۇر. ئەلۋەتتە، تور شەكىللىك شەھەرلىشىش پىلانىغا قارشى تۇرغۇچىلارمۇ  بولىدۇ، ئۇلار شەھەرلەرنىڭ روھسىز ۋە بىر – بىرىگە ئوخشايدىغان ماكانلارغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ شەھەر پىلانلاش ئەندىزىسى بۇنىڭدىن نەچچە يۈز يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى شەھەرلەردە روياپقا چىقىرىش نىشان قىلىنىۋاتقان نۇرغۇن ئۆلچەملەرگە يېتىدۇ.

مىلەتلىك، ھازىرقى نامى بىلەن ئايدىنلىق پەيلاسوپلار، ئاكتىپ ئىلىم – پەننىڭ يولىنى ئېچىپ، شەھەرنىڭ ئىلىم-پەن مەركىزىگە ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. مىلەتمۇ بۇ تەپەككۇر ئۆزگىرىشىدىن نېسىۋىسىنى ئالىدۇ، كۆڭۈلدىكىدەك مۇھىت ۋە كۆڭۈلدىكىدەك شەھەر ئىدىيەسى بۇ شەھەردە جانلىنىدۇ. شەھەرنى ئىلمىي پىلانلاش، تۇنجى قېتىم ھىپپوداموس ئوتتۇرىغا قويغان پىلانغا ئاساسەن باشلىنىدۇ. ئۇ بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ئىنساننى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان باراۋەرلىكچى ئەندىزىنى بەرپا قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر