ئوسمانلى دەۋرى بىناكارلىقىنىڭ يارقىن ئابىدىسى – ئىسھاق پاشا سارىيى

نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئانادولۇنىڭ تۇنجىلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، ئوسمانلى دەۋرى بىناكارلىقىنىڭ يارقىن ئابىدىسى – ئىسھاق پاشا سارىيى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

1844285
ئوسمانلى دەۋرى بىناكارلىقىنىڭ يارقىن ئابىدىسى – ئىسھاق پاشا سارىيى

ئوسمانلى دەۋرى بىناكارلىقىنىڭ يارقىن ئابىدىسى – ئىسھاق پاشا سارىيى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سىز ئىلگىرى بىرەر تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ باققانمىدىڭىز ياكى شۇنداق قىلىشنى ئويلاپ باققانمىدىڭىز؟ خېيىم – خەتىرى بار مۇشەققەتلىك بۇ ئىش سىزگە قاراملارچە بىر ئىشتەك تۇيۇلامدۇ ياكى ئۇنى ھاياتتا كەم دېگەندە بىر قېتىم سىناپ بېقىش كېرەك دەپ ئويلامسىز؟... تاغلار ۋە ئۇلارنىڭ چوققىلىرى بەزىلەر ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان بىر ھەۋەس. تاغلارغا بىرلىكتە يامىشىپ، شامالغا، قارغا، بۇلۇتلارغا، قۇياشقا باشقىلارغا قارىغاندا يېقىنراق تۇرۇش، تاغ بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىش ئۈچۈن يامىشىش ئۆزگىچە تۇيغۇ بولسا كېرەك. تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانلارنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى چۈشىنىشى بۇ تاغلارغا يامىشىش ئارقىلىقلا مۇمكىن بولىدىكەن. ئۇلار مۇۋاپىق ھاۋارايى شارائىتىدا مۇۋاپىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن قوراللىنىپ يامىشىشقا باشلايدۇ. گەرچە كەسپىي ياكى ھەۋەسكار تاغقا ياماشقۇچىلارنىڭ نىشانىدا ئوخشىمىغان چوققىلار بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرى بىردەك يامىشىشنى ئارزۇ قىلىدىغان بەزى تاغلار بار. ئۇلارنىڭ بىرى تۈركىيەنىڭ شەرقىدىكى چوڭ تاغ — ئاغرى (ئارارات) تېغىدۇر.

* * * * *

ئاغرى تېغى ئوتتۇرا ئەسىردىكى داڭلىق سەيياھ ماركو پولو، يامىشىپ چىقىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتقان بىر تاغ. ئۇنىڭ نامى رىۋايەتلەردىمۇ، مۇقەددەس كىتابلاردىمۇ تىلغا ئېلىنغان. نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى بۇ تاغدا دەپ قارىلىدۇ. ھەۋەسكارلار، كېمىنى تېپىش ئۈچۈن تۈگىمەس غەيرەت – ئىرادە بىلەن ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئاغرى تېغىغا يامىشىپ كەلمەكتە. ئاغرى تېغى ھەيۋەتلىكلىكى بىلەن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ھەتتا ئەندىكتۈرىدۇ. ئۇ رىۋايەتلەرنىڭ ماكانى. ئاغرى تېغى، تاغنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يىراقتىن قاراش كېرەك، دېگەن سۆزنى ھەقىقىي مەنىدە دەلىللەيدۇ. ئاغرى تېغى تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئېگىز چوققىسى ۋە ئەڭ چوڭ يانار تېغى. ئىغدىر ۋە ئاغرى شەھەرلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرگەن تاغ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بولۇپ، ئۇنى ھاۋا ئوچۇق چاغلاردا ئەرمېنىيە، ئىران، ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيەدە تۇرۇپمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.

 ئانادولۇدىكى بۇ ئەڭ ئېگىز تاغ ئانادولۇدىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك سارايلارنىڭ بىرى بىلەن بىرلىكتە تىلغا ئېلىنىدۇ. مىڭبىر كېچە چۆچەكلىرىدىن چىققاندەكلا تۇرىدىغان بۇ ساراي (ئوردا)، ئوسمانلى دەۋرىدىكى ئەڭ مۇھىم بىناكارلىق ئەسەرلىرىنىڭ بىرى بولغان ئىسھاق پاشا سارىيىدۇر. بۈگۈنكى ئاغرىنىڭ دوغۇبەيازىت (شەرقىي بەيازىد) ناھىيەسىدىكى بۇ ساراي، ئىغدىر تۈزلەڭلىكىگە قارايدىغان بىر تاغ ئۈستىگە سېلىنغان بولۇپ، كونا يىپەك يولىغا يۇقىرىدىن قاراپ تۇرىدىغان بۇ ساراي، ئانادولۇدىكى ئوسمانلى دەۋرىدىن زامانىمىزغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ساراي، دەپ قارىلىدۇ. قۇرۇلۇشىغا توقسان توققۇز يىل ۋاقىت كەتكەن ئىسھاق پاشا سارىيى، قۇرۇلغان ۋاقتىدىمۇ، بۈگۈنكى كۈندىمۇ رايوننىڭ ئەڭ مۇھىم يادىكارلىقلىرىنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. سەلجۇقىيلار، ئىران ۋە ئوسمانلى بىناكارلىقىنىڭ ئىزلىرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان بۇ ھەيۋەتلىك بىنا، باروك ۋە روكوكو ئېلېمېنتلىرى بىلەن كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. كۆرگۈچىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىۋالىدىغان ساراي، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

* * * * *

ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتى —يۇنېسكونىڭ دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى تارىخىي ئىسھاق پاشا سارىيى، تۈرك بىناكارلىق تارىخىدىكى ئەڭ گۈزەل ئەسەرلەرنىڭ بىرى دەپ قارىلىدۇ. ئىسھاق پاشا سارىيى ئورنى ۋە ھەيۋەتلىك بىناكارلىق سەنئىتى بىلەنلا ئەمەس، ھەيۋەتلىك دەرۋازىلىرى ۋە ئۇستا تاش بېزەكچىلىكى بىلەنمۇ بىر سەنئەت ئابىدىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئىسھاق پاشا سارىيى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ سارىيى بولغان توپكاپى (ئوردىسى)دىن كېيىنكى ئەڭ چوڭ يادىكارلىق خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشتۇر. ساراينىڭ بەزى قىسىملىرى بىر، بەزى قىسىملىرى ئىككى، بەزى بۆلەكلىرى ئۈچ قەۋەتلىك قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، دىۋان، ھەرەم، مەسچىت ۋە ياتاقلار ئىككى چوڭ ھويلىنىڭ ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان. يەرلىك تاشلاردىن ياسالغان ئىسھاق پاشا سارىيىنىڭ قاپارتمىلىرى، بېزەكلىرى ۋە ئۆسۈملۈك نەقشلىرى كىشىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىۋالىدۇ. ساراينىڭ تاش بېزەكچىلىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئېسىل مىساللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

7600 كۋادرات مېتىرلىق چوڭ يەرگە سېلىنغان بۇ ساراي، كىچىك بىر شەھەر ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق قۇرۇلۇشلارغا ئىگە؛ مۇنچا، ناۋايخانا، قاراۋۇلخانا، خىزمەتچىلەر ئۆيى، سوتخانا، تۈرمە… بۇلار ساراينىڭ ئىچىدىكى قۇرۇلۇشلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت. قەلئەگە ئوخشايدىغان ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق خانىسى بار بۇ ساراي، ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇپ، ئىنسان ئىختىيارسىزلا بۇ چوڭلۇقتىكى بىنانىڭ قانداق ئىسسىتىلغانلىقى ھەققىدە ئويلانماي تۇرالمايدۇ. ئىسھاق پاشا سارىيى بۇ تەرىپى بىلەنمۇ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. چۈنكى بۇ سارايدا بۇنىڭدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى تۇرۇببا ئارقىلىق ئىسسىتىش سىستېمىسى يولغا قويۇلغان. ساراي لايدىن ياسالغان تۇرۇببىلاردىن قايناق سۇلارنى ئېقىتىش ئارقىلىق ئىسسىتىلغان بولۇپ، قۇرۇلۇشتا بۈگۈنكى مەركىزىي ئىسسىتىش سىستېمىسىغا ئوخشاش ئۇسۇلنىڭ قوللىنىلىشى كىشىنىڭ ھەيرانلىقى، شۇنداقلا قايىللىقىنى قوزغايدۇ.

* * * * *

چۆل - باياۋاننىڭ ئوتتۇرىسىدا يالغۇز ھالەتتە كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولىدىغان بۇ ھەيۋەتلىك ساراينى كۆرۈپ تەسىرلەنمەسلىك مۇمكىن ئەمەس. كىشى، 1800 – يىللارنىڭ باشلىرىدا ئىسھاق پاشا سارىيىغا كەلگەن غەربلىك ساياھەتچىلەرنىڭ قايىللىقى ۋە ھەيرانلىقىغا قول قويماي تۇرالمايدۇ. ساراينىڭ ساپال بۇيۇملىرى، گۈل نەقىشلەر بىلەن بويالغان تاختايلىرى، فانتازىيەلىك قۇشلار تەسۋىرلەنگەن تۇرۇسلىرى، ئۇ ساياھەتچىلەرنىڭ ئەسلىمىلىرىدە روشەن ئەكس ئېتىدۇ. ئۇ ساياھەتچىلەر ئوردىنىڭ ئەينەكلىرىنى، ئالتۇن ھەل بېرىلگەن ھەيۋەتلىك زاللارنى خۇددى بىر چۆچەك سارىيىنى تەسۋىرلىگەندەكلا تەسۋىرلەيدۇ.

 شۇنچە ھەيۋەتلىك بىناكارلىق قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئاددىيلىق ئىسھاق پاشا ئوردىسىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكى بولۇپ، دېرىزىلىرىدىن كۆرۈنگەن ئاغرى تېغى ۋە ساراينىڭ ئەتراپىدىكى بوشلۇق، ساياھەتچىلەرگە نەچچە مىڭ يىللىق رىۋايەتلەرنى ئەسلىتىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر