ئۆزھاسەكى ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە مۇھىت ئاسراش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت ئۆزھاسەكى ئەزەربەيجان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە بىناكارلىق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئانار گۈلىيېۋ باشچىلىقىدىكى ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى.

2058258
ئۆزھاسەكى ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىنىستىر ئۆزھاسەكى بىلەن ئەزەربەيجان ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۇچرىشىشىدا، ئەزەربەيجان تەرىپىدىن قاھرامانماراش ۋىلايىتىدە سېلىنىدىغان تۇرالغۇلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.

ئۆزھاسەكى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى:  

«ئەزەربەيجان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش ۋە بىناكارلىق ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى جانجىگەر قېرىندىشىمىز ئانار گۈلىيېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن بىر يەرگە جەم بولدۇق. ئۇچرىشىشتا، مۇشەققەتلىك كۈنلەردە ھەر دائىم بىزگە يار – يۆلەك بولۇپ كېلىۋاتقان قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان قاھرامانماراش شەھىرىدە بەرپا قىلىدىغان تۇرالغۇلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردۇق. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> شوئارى ئاستىدا ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر