ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ «18 – ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلىدى.

2052878
ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ «18 – ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە دۇنيادا ھېچ تەڭدىشى بولمىغان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەتلىرىگە ئىگە جانجىگەر دۆلەت- ئەزەربەيجاننىڭ <18 – ئۆكتەبىر مۇستەقىللىق كۈنى> نى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ ئىپتىخارلىق كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى قېرىندىشىم ئىلھام ئەلىيېۋغا ۋە پۈتكۈل ئەزەربەيجان خەلقىگە تۈركىيەنىڭ سالىمىنى يەتكۈزىمەن.»

ئەردوغان باياناتىدا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ۋىدېئوغىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر