ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ «مىللىي ئازادلىق كۈنى» نى تەبرىكلىدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ «15 – ئىيۇن مىللىي ئازادلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى.
2000208
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەزەربەيجاننىڭ «مىللىي ئازادلىق كۈنى» نى تەبرىكلەپ ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجان خەلقىگە قىزغىن سالام يوللىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «قېرىندىشىمىز، سۆيۈملۈك دوستىمىز، سەپدىشىمىز ئەزەربەيجاننىڭ <15 – ئىيۇن مىللىي ئازادلىق كۈنى> نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.»
ئەردوغان باياناتىدا، تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجان بايراقلىرىغىمۇ ئورۇن ئاجراتتى.