ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1985891
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرلىك ھۇجۇمىدا ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ مۇھەممەد گارايېۋ ئىسىملىك بىر ئەسكىرى شېھىت بولغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى چېگرانىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول ئاستىغا ئالغان.

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر باياناتىدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تەۋە كامىكازې ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىغان.

ئىگىلىنىشىچە، ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان چېگراسىدا ئۇدا ئۈچ كۈندىن بۇيان توقۇنۇشلار ۋە ۋە جىددىيچىلىكلەر داۋاملاشماقتا ئىكەن.

10 – ماي كۈنى،  زود رايونى يۆنىلىشىدىكى ئەرمېنىيە ھەربىي نۇقتىلىرىدىن ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرى ئوققا تۇتۇلغانىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرى شېھىت بولغان، بىر ئەسكىرى ئېغىر يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر