ئامېرىكا: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدىن خۇرسەنمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

1982621
ئامېرىكا: ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت نەتىجىسىدىن خۇرسەنمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشى مەسلىھەتچىسى جېيك سۇللىۋان ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە سۆھبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەرنى قارشى ئالىدىغانلىقلىرىنى بايان قىلدى.

سۇللىۋان  ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيخۇن بايراموۋ ۋە ئەرمېنىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارارات مىرزوياننى ئاقسارايدا كۈتۈۋالغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇرسەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە سۆھبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرلەشلەرنى قارشى ئالىمىز ۋە سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى تەشەببۇس قىلىمىز.»

ئۇ سىجىل ۋە ئادىل بىر كېلىشىمنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت شۇنداقلا رايونغا پۇرسەت قۇلۇپىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ بولىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيە ئوتتۇرىسىدا يەكشەنبە كۈنى (30-ئاپرېل) باشلانغان سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلماقتا. بۇ دائىرىدە،  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەنىدى.

بلىنكېن يەكشەنبە كۈنى ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنيان بىلەن ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ھەر ئىككى رەھبەرگە ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ مۇھىملىقىنى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ سۆھبەتنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر