ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاپ 3 ئادەم قازا قىلدى

ئەزەربەيجاندا ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان تالىش يېزىسىدا ئىشغالىيەت مەزگىلىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى كۆمۈپ قويغان مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 3 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

1980896
ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاپ 3 ئادەم قازا قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىشغالىيەتتىن ئازاد قىلىنغان تالىش يېزىسىدا ئىشغالىيەت مەزگىلىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى كۆمۈپ قويغان تانكىغا قارشى مىنانىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئۈچ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ۋەقەدىن كېيىن تەكشۈرۈش باشلانغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، مىنا پارتلاش نەتىجىسىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئەزەربەيجان مىنا تازىلاش ئورگىنى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقان بىر ئەنگلىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن، ئىككىنچى قاراباغ ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئەرمېنىيە قىسىملىرى كۆمۈپ قويغان مىنالارنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 54 كە يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر