ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈنۈگۈن (11-ئاپرېل) ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە چېگراسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئۈچ ئەسكىرى شېھىت بولدى.

1973624
ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىدا ئۈچ ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، گورۇس ۋىلايىتىنىڭ دىغ ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى ئەزەربەيجاننىڭ لاچىن يۆنىلىشىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىنى ئوققا تۇتقان، ھۇجۇم نەتىجىسىدە ئۈچ ئەزەربەيجان ئەسكىرى شېھىت بولغان.

ھۇجۇمدىن كېيىن، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە ئارمىيەسى كۆپ ساندا ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، بۇ رايون ھازىر ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەن.

ئەرمېنىيە تاراتقۇلىرىمۇ توقۇنۇش داۋامىدا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ كۆپ ساندا ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر