ئەزەربەيجاندا «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى

تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم بايراملىرىدىن بىرى ۋە باھارنىڭ خۇش خەۋەرچىسى بولغان «نورۇز بايرىمى» ئەزەربەيجاندا ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق تەبرىكلەنمەكتە.

1961399
ئەزەربەيجاندا «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى باشلاندى
azerbaycan nevruz.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كونا بايرام ئۆرپ- ئادەتلىرىنى ساقلاپ قالغان ئەزەربەيجاندىكى «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىدىن بىرىنىڭ ئادرېسى باكۇ شەھىرىنىڭ سۇراخانى ناھىيەسىدىكى تارىخىي ئاتەشگاھ ئىبادەتخانىسى ئىدى.

باكۇلۇق خەلقى ئاتەشگاھ ئىبادەتخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە سەلدەك ئاقتى. پائالىيەتلەر داۋامىدا ھەر خىل مۇزىكا ئۆمەكلىرى سەھنىگە چىقىپ، سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى. كۆرگەزمە سۇپىلىرىدا يەرلىك  يېمەكلىكلەر، كىيىم-كېچەكلەر ۋە قول ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى تونۇشتۇرۇلدى.

«نورۇز گۈلخانى» غا ئوت يېقىلغان پائالىيەتتە، ئەزەربەيجاننىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىن كەلگەن، مىللىيچە كىيىملەرنى كىيگەن سەنئەتچىلەرنىڭ ناخشا - مۇزىكا ۋە ئۇسسۇل نومۇرلىرى، دارۋازلارنىڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ماھارەتلىرى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە رەڭ قوشتى.

«نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيىتىدە يەنە، قىلىچ قالقانى قاتارلىق تۈرلۈك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىمۇ ئۆتكۈزۈلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەزەربەيجاندا «نورۇز بايرىمى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن 3-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە رەسمىي بايرام قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، مەزكۇر پائالىيەتلەر تاكى بايرام ئاخىرلاشقانغا قەدەر داۋاملىشىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر