ئاقار ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار قارستا ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى زاكىر ھەسەنوۋ ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇئانشېر بۇرجۇلادزې بىلەن كۆرۈشتى.

1940915
ئاقار ئەزەربەيجان ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقار، «2023 – يىللىق قىشلىق ھەربىي مانېۋىر» نىڭ ئالاھىدە كۆزەتكۈچىلەر كۈنى پائالىيەتلىرىنى كۆزىتىش ئۈچۈن قارسقا كەلگەن ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گېنېرال زاكىر ھەسەنوۋ ۋە گىرۇزىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جۇئانشېر بۇرجۇلادزې بىلەن ئۈچ تەرەپلىك يىغىن چاقىردى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانلىرىمۇ ئىشتىراك  قىلغان يىغىندا، ھەربىي مەشىق، ھەمكارلىق مەسىلىلىرى ۋە رايونلۇق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلدى.

ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى، تۈركىيە-گىرۇزىيە-ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى دائىرىسىدە، 21-دېكابىر كۈنىمۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئاقارنىڭ ساھىبخانلىقىدا قەيسەرىدە بىر يەرگە جەم بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر