ئابدۇللاھىيان بىلەن بايراموۋ تېلېفونلاشتى

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھۈسەيىن ئەمىر ئابدۇللاھىيان بىلەن ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1938961
ئابدۇللاھىيان بىلەن بايراموۋ تېلېفونلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى مىنىستىرنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان ھۇجۇم ھەققىدە ئېلىپ بارغان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئابدۇللاھىيان، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسسىتىشىگە يول قويماسلىقنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەن، ھەمدە ھۇجۇمنى ئىران ۋە ئەزەربەيجان دۆلەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرىنىڭ ھەمكارلىق ئاساسىدا تەكشۈرۈشى ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان.

بىر ئەلچىخانا خادىمى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە ئىككى خادىمى يارىلانغان ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ئابدۇللاھىيان، ھۇجۇمدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋە بايراموۋغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

ئۇ، بۇ ھۇجۇمنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن سۇيىئىستېمال قىلىنىش خەۋپى بارلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بولسا، ئابدۇللاھىياننىڭ ھۇجۇمنى ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەكشۈرۈشى ھەققىدىكى تەكلىپىگە ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرغان.

تۈنۈگۈن ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەزەربەيجاننىڭ تېھران ئەلچىخانىسىغا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا ئەلچىخانىنىڭ ئامانلىقنى ساقلاش ئىشلىرى مەسئۇلى ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئىككى ئامانلىقنى ساقلاش خادىمى يارىلانغانىدى.

تېھران ساقچى باشلىقى ھۈسەيىن رەھىمى، زوراۋاننىڭ ھۇجۇمدىن كېيىن تۇتۇلغانلىقىنى ۋە دەسلەپكى تەكشۈرۈشلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇمنىڭ «شەخسىي ۋە ئائىلە مەسىلىلىرى سەۋەبىدىن» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھۇجۇمنى ئەيىبلىگەن ۋە تېھران ئەلچىخانىسىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر