دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «زۇلمەتلىك يانۋار» قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاندا 1990 – يىلى 20 – يانۋار كۈنى يۈز بەرگەن ۋە «زۇلمەتلىك يانۋار» دەپ ئاتالغان قىرغىنچىلىقتا شېھىت قىلىنغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلارنى خاتىرىلىدى.

1935824
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «زۇلمەتلىك يانۋار» قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى «زۇلمەتلىك يانۋار» قىرغىنچىلىقى شېھىتلىرىنى خاتىرىلىدى. مىنىستىرلىقنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى: «مەزكۇر قىرغىنچىلىقنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمىز. 1990-يىلى 20-يانۋار كۈنى قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجاندا يۈز بەرگەن ۋە <زۇلمەتلىك يانۋار> دەپ ئاتالغان قىرغىنچىلىقتا شېھىت قىلىنغان قېرىنداشلىرىمىزنى يەنە بىر قېتىم خاتىرىلەيمىز. <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ھەردائىم بىللىمىز.»

ئەزەربەيجاندا 1990-يىلى 20 – يانۋار كۈنى سابىق سوۋېتلەر ئارمىيەسى باكۇ ھەمدە باشقا ۋىلايەتلەردە ئايال ۋە كىچىك بالا دەپ ئايرىماستىن يۈرگۈزگەن قىرغىنچىلىقتا، ئەزەربەيجانلىق 147 پۇقرا جېنىدىن ئايرىلغان، 744 ى يارىلانغان، تەخمىنەن 400 پۇقرا سوۋېت ئارمىيەسى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر