ئەزەربەيجاندا «قاراباغ زەپىرى» نىڭ 2 – يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە
ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا «قاراباغ زەپىرى» نىڭ 2 – يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت باكۇنىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىدىكى «زەپەر كۈنى» نى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىگە ھەربىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە قاراباغ ئۇرۇشى غازىلىرىمۇ قاتناشماقتا.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، بۇنىڭدىن 2 يىل ئىلگىرى بۈگۈنكى كۈندە قاراباغنىڭ سىمۋوللۇق شەھىرى بولغان شاشانى ئىشغالدىن ئازاد قىلدى.
2020 – يىلى 27 – سېنتەبىر كۈنى باشلانغان ئازادلىق ھەرىكىتى ئۇدا 44 كۈن داۋاملاشتى ۋە بۇ جەرياندا 300 دىن ئارتۇق ئولتۇراق رايونى ئىشغالدىن ئازاد قىلىندى.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ شۇشا شەھىرىگە كىرىشى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ مەغلۇب بولۇشىغا سەۋەب بولدى. شۇنىڭ بىلەن، ئەرمېنىيە، 2020 – يىلى 10 – نويابىر كۈنى مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاغدام، كەلبەجەر ۋە لاچىن ۋىلايەتلىرىدىكى قىسىملىرىنىمۇ چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بېرىپ، باياننامىگە ئىمزا قويدى.
ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 10 – نويابىر مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ۋاپات بولغان كۈن بولغانلىقى ئۈچۈن، شۇشا شەھىرى ئازاد قىلىنغان 8 – نويابىرنى «زەپەر كۈنى» ئېلان قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.