ئەرمېنىيە ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە دۆلەت چېگراسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن كەچ تەرەپلەردە ئەرمېنىيە قىسىملىرى، ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە دۆلەت چېگراسىدىكى كەلبەجەر ۋىلايىتىنىڭ ئەلىبايراملى، ئىستىسۇ، زەيلىك ئولتۇراق رايونلىرىدىكى؛ گەدەبەينىڭ نوۋوئىۋانوۋكا ئولتۇراق رايونلىرىدىكى ئەزەربەيجان ھەربىي نۇقتىلىرىغا ھۇجۇم قىلغان.
باياناتتا، ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ئەرمېنىيە تەرەپكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغانلىقى، ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق جاۋابكارلىقنىڭ ئەرمېنىيە تەرەپكە ئائىت ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.