ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى.

1725016
ئەردوغان ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن، ئەتىگەن تەرەپلەردە ئەنقەرە ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدىن ئەزەربەيجانغا يۈرۈپ كەتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا زىيارىتىدە، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، قاتناش ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىستىرى ئادىل قارائىسمائىلئوغلۇ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خۇلۇسى ئاقار، مۇھىت ئاسراش ۋە شەھەر – بازارلاشتۇرۇش مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر - ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن قاتارلىقلار ھەمراھ بولدى.

ئىگىلىنىشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە، ۋەتەن ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلىدىكى قۇرۇلۇشى يېقىندا پۈتكەن خەلقئارا ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىلىشىغا، ھەمدە رايوندا ياسالغان تاش يولىنى ۋە زەنگىلاندا تۈركىيەنىڭمۇ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغان ئەقىللىق يېزا ئىگىلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر