جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تەكلىپىگە بىىنائەن ئەتە ئەزەربەيجاندا بىر كۈنلۈك خىزمەت زىيارىتىدە بولىدۇ.

1724623
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن بىرلىكتە، ۋەتەن ئۇرۇشى نەتىجىسىدە ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلىدىكى خەلقئارا ئايرودۇرۇمنىڭ ئېچىلىشىغا، ھەمدە رايوندا ياسالغان تاش يولىنى ۋە زەنگىلاندا تۈركىيەنىڭمۇ تۆھپىلىرى ئارقىلىق بەرپا قىلىنىدىغان ئەقىللىق يېزا ئىگىلىك رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىدىكەن.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ زىيارىتى دائىرىسىدە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرى كۆزدىن كەچۈرۈلىدىكەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان قەدەملەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۇچرىشىشلاردا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىدىن سىرت يەنە، كۈندىلىك، رايونلۇق ۋە خەلقئارالىق ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇلۇشى مۆلچەرلەنمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر