ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «تەۋرەنمەس قېرىنداشلىق2021» ناملىق بىرلەشمە جەڭ تاكتىكىسى داۋاملاشماقتا

ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «تەۋرەنمەس قېرىنداشلىق 2021» ناملىق بىرلەشمە جەڭ تاكتىكىسى مەشىقى ناھچىۋاندا داۋاملاشماقتا.

1715676
ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيەنىڭ «تەۋرەنمەس قېرىنداشلىق2021» ناملىق بىرلەشمە جەڭ تاكتىكىسى داۋاملاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەت قوراللىق قىسىملىرىنىڭ مەشىق سىنارىيەسىگە ئاساسەن پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، مانېۋىر ئارقىلىق ھەربىي قىسىملارنىڭ جەڭگە تەييارلىق قىلىش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ قېتىملىق بىرلەشمە پائالىيەت ئارقىلىق ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە قوراللىق قىسىملىرى دۈشمەن ئورۇنلىرىغا يېقىنلىشىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارىنى، شۇنداقلا ئالاھىدە ھۇجۇمچى قىسىملارنىڭ دۈشمەن ئىستىھكاملىرىغا يېقىنلىشىشى، دۈشمەننىڭ ئوپتىكىلىق ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئوقلىرىدىن ساقلىنىش ماھارىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، ھەربىي قاتناش ۋە ھۇجۇمچى تىك ئۇچارلىرى قاتناشتۇرۇلغان پائالىيەت جەريانىدا قىيىن شارائىتتا ئۇچۇش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

مانېۋىر 8- ئۆكتەبىر ئاخىرلىشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر