ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ رۇس تەبىئىي گازىنى يۆتكىشىگە رۇخسەت قىلدى
رۇسىيە ئېنېرگىيە شىركىتى Gazprom ئەزەربەيجان ئارقىلىق تەبىئىي گازنى ئەرمېنىيەگە ۋاقىتلىق توشۇيدۇ.
1603236
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:Gazprom Export شىركىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، شىمالىي كاۋكاز – ترانسكاۋكازىيە تۇرۇبا لىنىيەسىدە ئۈچ ھەپتىلىك رېمۇنت خىزمىتى ئىشلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
شۇ سەۋەبتىن، رۇسىيەدىن ئەرمېنىيەگە تەبىئىي گاز يۆتكەشنىڭ ئەزەربەيجان ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: « بۇ توشۇش سەۋەبىدىن، ئەزەربەيجان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى SOCAR بىلەن قىسقا مۇددەتلىك توختام ئىمزالاندى، رېمونت قىلىش خىزمىتى تاماملانغاندىن كېيىن، تەبىئىي گاز رۇسىيە ۋە گىرۇزىيە چېگراسىدىن كېيىنكى كونا لىنىيەدىن توشۇلىدۇ.»
Gazprom شىركىتى، 2020-يىلى ئەرمېنىيەگە 2 مىليارد 200 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز توشۇغانىدى.