ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىيىتىنى قوبۇل قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ باشچىلىقىدىكى مەجلىس ھەيئىتىنى قوبۇل قىلدى.

1598419
ئىلھام ئەلىيېۋ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ھەيئىيىتىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ھەيئىتىنى ھۇزۇرىدا  قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە پارلامېنتلار ئارا مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىمۇ ھەر دائىم بىر-بىرىنى قوللىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، قاراباغ ئۇرۇشىدا تۈركىيەنىڭ ياردىمىنىڭ ئەزەربەيجان خەلقى تەرىپىدىن مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئېلىنغانلىقىنى خاتىرىلەتتى.

ئۇ ئىككى قېرىنداش دۆلەتنىڭ ھەر دائىم بىر-بىرىنى قوللاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئەزىز قېرىندىشىم، ھۆرمەتلىك جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئۇرۇش باشلانغان دەسلەپكى مىنۇتلاردىن تارتىپلا نامايان قىلغان سىياسىي ۋە مەنىۋى ياردىمى بىزگە ئىلھام بولدى. تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى باشلىقى مۇستافا شەنتوپ ۋە باشقا پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ھەمكارلىق بىلەن بىزنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خەلقلىرىمىزنىڭ بىر-بىرىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە كۆڭۈل رىشتىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە قانچىلىك باغلانغانلىقىنى، بىر-بىرىگە قانچىلىك ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى، ئۇرۇش ۋاقتىدا يەنە بىر قېتىم كۆرسەتتى» دېدى.

ئۇ يېقىندا ئېچىلغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلەر يىغىنىدا، رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرى ھەققىدە ئىنتايىن ياخشى سۆز قىلغانلىقىنى خاتىرىلىتىپ، تۈركىيە مەتبۇئاتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇرۇش ۋاقتىدا ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقىنى ماختىغان ھالدا تىلغا ئالدى.

ئۇ رايوندا يېڭى ۋەزىيەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «تاغلىق قاراباغ مەسىلىسى تارىخقا ئايلاندى، ھەل بولدى، ئاخىرلاشتى. ئەمدى كېلەچەككە يۈزلىنىپ، رايوندىكى ھەمكارلىقلىرىمىزنى ئويلىشىمىز كېرەك. بولۇپمۇ، قاتناش لايىھەلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، زەنگەزۇر كارىدورىنىڭ ئېچىلىشى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئورتاق تىرىشچانلىقلار بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىمەن» دېدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى بولۇش سۈپىتىدە، ئەزەربەيجاننىڭ غەلىبىسىدىن زور مەمنۇنلۇق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاكىف چاغاتاي قىلىچ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە سىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەتىڭىزنى، رەھبەرلىكىڭىزنى ۋە رايوننىڭ تارىخىدا بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغان كۈرىشىڭىزنى قوللىغان تۆت سىياسىي پارتىيەنىڭ ۋەكىللىرى سۈپىتىدە ھۇزۇرىڭىزدا تۇرۇپتىمىز.»    



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر