تاغلىق قاراباغ شېھىتلىرىنىڭ سانى كۆپەيدى
ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ تاغلىق قاراباغدىكى ئۇرۇشتا 2 مىڭ 881 ئەسكىرى شېھىت بولدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ، 2020 – يىلى، 27 – سېنتەبىر كۈنى باشلىنىپ، 2020 – يىلى، 10 – نويابىر كۈنى ئەرمېنىيەنىڭ مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، كېلىشىمنى ئىمزالىشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىلگىرى 2 مىڭ 855 تەرىقىسىدە ئېلان قىلىنغان شېھىتلارنىڭ سانى، بەزى جەسەتلەرنىڭ تېپىلىشى ۋە كىملىكلىرىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلىشىدىن كېيىن، 2 مىڭ 881 گە يەتكەن.
دەپنە قىلىنغان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئورۇن بېرىلگەن باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، ئۇرۇش جەريانىدا 28 ئەسكەر يوقاپ كەتكەن.
ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، 2020 – يىلى، 27 – سېنتەبىر كۈنى قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەت داۋامىدا، 5 شەھەر مەركىزى، 4 يېزا ۋە 286 كەنت ئازاد قىلىنغان، بۇنىڭغا ئاساسەن، ئەرمېنىيە مەغلۇبىيىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىشغال ئاستىدىكى ئاغدام، لاچىن ۋە كەلبەجەر ۋىلايەتلىرىنىمۇ بوشىتىش ئەھدە قىلىنغان كېلىشىمنى ئىمزالىغانىدى.
ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، 2020 – يىلى، 20 – نويابىر كۈنى ئاغدامدىن، 2020 – يىلى، 25 – نويابىر كۈنى كەلبەجەردىن، 2020 – يىلى، 1 – دېكابىر كۈنى لاچىندىن چېكىنگەنىدى.