ئەردوغان «خوجالى قەتلىئامى» مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان «خوجالى قەتلىئامى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئەزەربەيجاننىڭ ھەققانىي كۈرىشىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، «خوجالى قەتلىئامى» نىڭ 29 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن 29 يىل بۇرۇن خوجالىدا ۋەھشىلەرچە قەتل قىلىنغان ئەزەربەيجانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ياد ئېتىمەن، يىللار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن، ئازاب – ئوقۇبەتلىرى، قايغۇ – ھەسرەتلىرى ۋە دەرد – ئەلەملىرى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقمايدىغان، پۈتكۈل روھىي دۇنيايىمىز تەكرار ئەلەم دېڭىزىغا چۆمۈپ كېتىدىغان <خوجالى قەتلىئامى> نىڭ 29 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار دېمەستىن رەھىمسىزلەرچە قەتل قىلىنغان 613 ئەزەربەيجانلىق قېرىندىشىمىزنى ياد ئېتىمەن دوست ۋە قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان خەلقىگە تەزىيە بىلدۈرىمەن، بىز <بىر مىللەت، ئىككى دۆلەت> مىز، تۈركىيە دۆلىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەققانىي كۈرىشىدە ئەزەربەيجاننى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»