ئەلىيېۋ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈردى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلى، زەڭگىلان، لاچىن ۋە جەبرايىل شەھەرلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

1583570
ئەلىيېۋ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونلارنى كۆزدىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزى ھەيدىگەن بىر ماشىنا بىلەن رايوننى ئېكسكۇرسىيە قىلغان پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ، يول بويىدىكى ۋەيران قىلىنغان ئاھالىلەر رايونلىرىنى كۆرسەتتى.

ئۇ، ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، زەنگىلاننىڭ ئاغالى يېزىسىنىڭ تۇنجى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا» تۈرىنى يېقىندا باشلايدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئەلىيېۋ يەنە گۈلەبىرت يېزىسىنىمۇ ئېكسكۇرسىيە قىلدى ۋە بايراقنى سۆيۈپ مۇمىغا چىقاردى.

ئەلىيېۋ ئەرمەنلەرنىڭ ئىشغالىيەت دەۋرىدە سالغان ۋەيرانچىلىقىغا «بۇزغۇنچىلىق» ۋە «ۋەھشىيلىك» دەپ باھا بېرىپ، «دۈشمەن ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن تېگىشلىك بولغان ئىشنى كۆردى، ئۇ خەلقئارادىمۇ جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر