ئەزەربەيجاندا مىنا پارتلاپ بىر پۇقرا قازا قىلدى
ئەزەربەيجاننىڭ ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان فۇزۇلى ۋىلايىتىدە ئەرمېنىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەن مىنا پارتلاپ بىر ئەزەربەيجان پۇقراسى قازا قىلدى.
1576223
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان باش تەپتىش مەھكىمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، فۇزۇلى ۋىلايىتىنىڭ يۇقارى ياغلىۋەنت يېزىسىدا ئۈچ پۇقرا ئولتۇرغان بىر ئاپتوموبىلنىڭ مىناغا بېسىۋالغانلىقىنى، پارتلاشتا ئاپتوموبىلدىكى بىر كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقى، قالغان ئىككىسىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
پارتلىغان مىنانىڭ ئىشغال مەزگىلىدە ئەرمېنىيە قىسىملىرى تەرىپىدىن كۆمۈلگەنلىكى قەيت قىلىندى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىنالارنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە ئەزەربەيجانلىق پۇقرا ۋە ئەسكەرلەر ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجاندا 5.2 بال يەر تەۋرىدى
ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى يەر تەۋرەش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.