ئەردوغان ئەرمېنىيەنى ئاگاھلاندۇردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلىدىغان پوزىتسىيەلەردە بولۇۋاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە دەرھال بۇ خاتالىقىدىن قايتىشنى تەۋسىيە قىلدى.

1555072
ئەردوغان ئەرمېنىيەنى ئاگاھلاندۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا تەشكىل قىلىنىدىغان ئورتاق مەركەزدە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن ئەزەربەيجاندا تۇرۇۋاتقان تۈركىيە قىسىملىرىغا تېلېفون ئارقىلىق خىتاب قىلىپ، مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ ئۇ يەردىكى مەۋجۇدىيىتىڭلار، دۆلەتلىرىمىز ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ نۆۋەتىكى تەرەققىياتىنى نامايەن قىلىدىغان شەرەپ مېدالى ھېسابلىنىدۇ. ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە مەسئۇل ئەسكەرلىرىمىزگە مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن، قۇرۇلغۇسى مەركەزنىڭ دەرھال پائالىيەتكە ئۆتۈشىگە تىلەكداشمەن.»

ئەرمېنىيە كۈچلىرىنىڭ ئەزەربەيجان تېرروتېرىيەلىرىگە قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپ قىلىدىغان پوزىتسىيەلەردە بولۇۋاتقان ئەرمېنىيە كۈچلىرىگە دەرھال بۇ خاتالىقىدىن قايتىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر