چاۋۇشئوغلۇ بايراموۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
1554291
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىپلوماتىك مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ئەزەربەيجان دىپلوماتىيە مىنىستىرى جەيھۇن بايراموۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەن.
ئىگىلىنىشىچە، دىپلوماتىك مەنبەلەر، ئىككى مىنىستىرنىڭ تېلېفون سۆھبىتىنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.