ئەردوغان ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تېلېفون سۆھبىتىدە، جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، ھەمدە ئەلىيېۋغا ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ئامان – ئېسەنلىك ۋە ھۇزۇرلۇق بىر ئۆمۈر تىلىگەن.
ئەلىيېۋنىڭ دۆلىتىنىڭ پاراۋانلىقى ۋە گۈللىنىشىدىن سىرت يەنە، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە تىنچلىقى ئۈچۈنمۇ كۆرسىتىۋاتقان تىرىشچانلىقلىرىنىڭ تارىخ ئالدىدا ناھايىتى مۇھىملىقىنى ئېيتقان ئەردوغان، تۈركىيە – ئەزەربەيجان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇلۇشىغا قوشقان تۆھپىلىرى ئۈچۈن ئەلىيېۋغا رەھمەت ئېيتقان.
ئۇ يەنە، تۈركىيە – ئەزەربەيجان قېرىنداشلىق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە تېخىمۇ كۈچلەنگەن ھالدا داۋاملىشىدىغانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.