ئەلىيېۋ گۇبادلى شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ 44 كۈن داۋاملاشقان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئەرمېنىيە ئىشغالىيىتىدىن ئازاد قىلىنغان گۇبادلى شەھىرىنى زىيارەت قىلدى.

1550870
ئەلىيېۋ گۇبادلى شەھىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋنىڭ ئايالى مېھرىبان ئەلىيېۋانىڭ Instagram دىكى ئادرېسىدا ھەمبەھرىلىگەن سىن كۆرۈنۈشلىرى ۋە فوتو – سۈرەتلەرگە قارىغاندا، پىرېزىدېنت ئەلىيېۋ ئۆزى ھەيدىغان ئاپتوموبىل بىلەن شەھەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلغان.

كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ئىلھام ئەلىيېۋ، يول بويىدىكى ۋەيران قىلىۋېتىلگەن بارلىق يېزا – كەنتلەرنىڭ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇزغۇنچىلىقىنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا فاشىستلارمۇ بۇنداق ۋەھشىيلىكنى سادىر قىلمىغان ئىدى» دېگەن ئەلىيېۋ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ قانداق بىر دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلغانلىقىمىزغا قاراڭلار. رايونىمىزنى، كاۋكازنى فاشىستلاردىن ئازاد قىلدۇق. بىز بۇ كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز. دۈشمەن قىلمىشلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ. بارلىق تارىخىي ۋە دىنىي يادىكارلىقلىرىمىز دۈشمەن تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. دۇنيا بۇنى كۆرۈشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.

ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھرىلەنگەن يەنە بىر كۆرۈنۈشكە قارىغاندا، ئىلھام ئەلىيېۋ گۇبادلىدىكى ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇ يەردە سۆز قىلىپ: «ئەسكەرلىرىمىزنىڭ قەھرىمانلىقى سايىسىدا زېمىنلىرىمىزنى ئازاد قىلدۇق. قاراباغ – ئەزەربەيجاندۇر» دېگەن، ئەسكەرلەرمۇ پىرېزىدېنت ئەلىيېۋنى قىزغىن ئالقىشلىغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر