ئەردوغان، بىزنىڭ ئەرمېنىيە خەلقىگە ئۆچمەنلىكىمىز يوق، مەسىلە ئەرمېنىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا دېدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە خەلقىگە ئۆچمەنلىكى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «مەسىلە ئەرمېنىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا. مېنىڭ دۆلىتىمىدە 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەرمەن پۇقرايىم بار» دېدى.

1543343
ئەردوغان، بىزنىڭ ئەرمېنىيە خەلقىگە ئۆچمەنلىكىمىز يوق، مەسىلە ئەرمېنىيە رەھبەرلىك ئاپپاراتىدا دېدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزۈلگەن غەلىبىنى تەبرىكلەپ پاراتتىن ئۆتۈش قاتنىشىش ئۈچۈن باكۇغا بارغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، پىرېزىدېنت پىرېزىدېنت ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن ئايرىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

ئۇچرىشىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىملىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئىككى رەھبەر قوشما ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى.

ئەردوغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، 44 كۈنلۈك ئۇرۇشتىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان نەتىجە ئەزەربەيجاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنى قانداق سۆيۈندۈرگەن بولسا، تۈركىيەدىكى قېرىنداشلىرىنىمۇ شۇنداق سۆيۈندۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رايون تىنچلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن زۆرۈر تېپىلسا  ئالتە تەرەپ سۆھبەت سۇپىسى قۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، «رۇسىيە، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، ئىران، گىرۇزىيە قاتارلىقلار دۆلەتلەر، شۇنداقلا قوبۇل قىلىپ تۈزۈمىگە رىئايە قىلسا ئەرمېنىيەمۇ بۇ سۇپىدىن ئورۇن ئالسا بولىدۇ. ئىجابىي قەدەملەر تاشلانغان تەقدىردە، ئىشىكلىرىمىزنى ئاچىمىز. بىزنىڭ ئەرمېنىيە ئۈچۈن ئىشىكلىرىمىزنى تاقىۋېتەيلى دەيدىغان بىر دەردىمىز يوق. چۈنكى بىز تىنچلىق ئۈچۈن قەدەم تاشلاشنى خالايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئەرمېنىيە خەلقىگە بىر ئۆچمەنلىكى يوقلۇقىغا ئىشارەت قىلغان ئەردوغان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «بىزنىڭ مەسىلىمىز (ئەرمېنىيە) رەھبەرلىكى بىلەندۇر. مېنىڭ 100 مىڭدىن ئارتۇق ئەرمەن پۇقرايىم بار، بىزنىڭ ئىنسانلارغا ئۆچمەنلىكىمىز يوق. بىزنىڭ مەقسىتىمىز تىنچلىقنى ھۆكۈمران قىلىش ۋە قەدەمنىمۇ مۇشۇنىڭغا قاراپ تاشلاشتۇر» دېدى.

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ، تۈركىيەنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ يېنىدا تۇرۇشىنىڭ، ئۇلارغا كۈچ بېغىشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجانغا ئوخشاش بىر  بىرىگە سادىق، بىر – بىرىنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان دۆلەتلەر يوق. تۈركىيەنىڭ كۈچى بىزنىڭ كۈچىمىزنى ئاشۇرىدۇ. تۈركىيە دۇنيا مىقيىاسىدا كۈچ مەركىزىدۇر. بۈگۈنكى جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەسى دۇنيادا مۇستەقىللىق، مەرتلىك ۋە جاسارەت ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

ئەلىيېۋ ۋەتەننى ئازاد قىلىش جېڭىدىكى غەلىبەنى قولغا كەلتۈرۈشتە تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان داڭلىق بايراقتار (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان)نىڭ ئالاھىدە رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە، «ئەگەر ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتى ئاساسسىز دەۋالىرىدىن ۋاز كەچسە، ئۇلارمۇ رايوندا قۇرۇلىدىغان ھەر خىل ھەمكارلىق سۇپىلىرىغا قاتناشسا بولىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر