ئەردوغان باكۇغا يېتىپ باردى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇغا يېتىپ باردى.

1542574
ئەردوغان باكۇغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننى باكۇدىكى ھايدەر ئەلىيېۋ ئايرودۇرۇمىدا ئەزەربەيجان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ياقۇب ئەييۇبوۋ، مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رامىز ھاسانوۋ، تۈركىيەنىڭ باكۇدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئەركان ئۆزئورال قاتارلىقلار كۈتۈۋالدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە رەپىقىسى ئەمىنە ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مۇئاۋىن باشلىقى ماھىر ئۈنال، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى باياناتچىسى ئىبراھىم قالىن ۋە جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى فاھرەتتىن ئالتۇن قاتارلىقلارمۇ باكۇغا يېتىپ باردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر