ئەردوغان ئەرەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئەتە (9 – دېكابىر 2020) ئەزەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ.

1541806
ئەردوغان ئەرەربەيجاندا زىيارەتتە بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ بىلەن قاراباغدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشىدۇ.

ئەردوغاننىڭ ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارىتى جەريانىدىكى ئۇچرىشىشلاردا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە قاراباغ مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى مۇزاكىرە ۋە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئۇچرىشىشلاردا، تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ بىرلىكتە تاشلايدىغان قەدەملىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر