ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرىنى تەبرىكلىدى

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ دۆلىتى بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تاغلىق قاراباغقا مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلگەن كېلىشىم رامكىسىدا 00:00 (ئەنقەرە ۋاقتى) دىن باشلاپ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1525108
ئىلھام ئەلىيېۋ ئەزەربەيجاننىڭ زەپىرىنى تەبرىكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ خەلققە خىتاب قىلىپ سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە ۋە رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق خىتابنامەنىڭ ئىمزالانغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتابنامەنىڭ ماددىلىرىنى ئوقۇدى.

ئۇ كېلىشىم بويىچە، ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ توختىغانلىقىنى، ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ كونترول قىلىۋاتقان نۇقتىلىرىدا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ كەلبەجەرنىڭ 15-نويابىردا، ئاغدام رايونىنىڭ 20-نويابىردا ۋە لاچىننىڭ 1-دېكابىردا ئەزەربەيجانغا قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«تاغلىق قاراباغنىڭ ئۇچرىشىش لىنيەسى ۋە لاچىن كارىدورىدا رۇسىيە تىنچلىق كۈچلىرىدىن يىنىك تىپلىق قوراللار بىلەن قوراللانغان 1960 ئەسكەر ۋە 90 ھەربىي ئاپتوموبىل ئورۇنلىشىدۇ. رۇسىيە تىنچلىق كۈچلىرى تاغلىق قاراباغدا بەش يىل تۇرىدۇ. تەرەپلەر نارازىلىق بىلدۈرمىسە، بۇ مۇددەت ئۇزارتىلىدۇ. كۆچمەنلەر يۇرت-ماكانلىرىغا قايتىدۇ. ئەسىرلەر ۋە جەسەتلەر ئۆزئارا ئالماشتۇرۇلىدۇ. رايوندىكى بارلىق ئىقتىسادىي ۋە قاتناش تورلىرى قايتىدىن تەسىس قىلىنىدۇ. ئەزەربەيجاننىڭ غەربتىكى ۋىلايەتلىرى بىلەن نەھچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش كارىدورى ئېچىلىدۇ.»

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا، توقۇنۇشلار جەريانىدا ئەزەربەيجاننى قوللىغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىپ، مۇنداق دېدى:

«بۈگۈنكى خىتابنامەدە، رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ئورتاق تىنچلىق كۈچى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى ئورۇن ئالىدۇ. رايون ئۇچرىشىشلىرى توغرىسىدا پۈتۈنلەي يېڭى يول يارىتىمىز.»

ئۇ كېلىشىمنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ يىڭىلگەنلىكىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ: «پاشىنيان كېلىشىمنى ئۆزى خالاپ ئەمەس، بەلكى ئەزەربەيجاننىڭ تۆمۈر مۇشتى نەتىجىسىدە ئىمزالىدى. بۇ كېلىشىم بىزنىڭ شانلىق زەپىرىمىز. 2020-يىلى 27-سېنتەبىرگىچە 300 ئەتراپىدا تۇرالغۇ رايونىنىڭ ئازاد قىلىنىشى، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ بېلىنى سۇندۇردى. شۇڭا، پاشىنيان بۇ كېلىشىمنى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى» دېدى.

ئىلھام ئەلىيېۋ قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر مۇناسىۋىتى بىلەن، ئىشغالدىن ئازاد قىلىنغان رايونلاردىكى خەلقلەرنى ۋە بارلىق ئەزەربەيجان خەلقىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ بارلىق شېھىتلار ۋە خوجالى قۇربانلىرى ئىنتىقامىنىڭ ھەسسىلەپ ئېلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ: «پۈتكۈل دۇنيا ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ يىڭىلمەس ۋە تۆمۈر ئىرادىگە ئىگە خەلق ئىكەنلىكىنى كۆردى» دېدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر