ئەرمېنىيە يەنە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە ۋە مىنگېچېۋىر شەھەرلىرىگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبىلاردىن بىرىنىڭ كۆپ  قەۋەتلىك بىر بىناغا چۈشۈشى نەتىجىسىدە 13 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

1510784
ئەرمېنىيە يەنە پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى ھېكمەت ھاجىيېۋ، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، «Scud» تىپلىق «ئېلبرۇس» باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن پۇقرالارغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ، ئېرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە روھىي ھالىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گەنجەگە قىلىنغان ھۇجۇملاردا 20 دىن ئارتۇق ئۆينىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى، ھۇجۇمنىڭ، ئەرمېنىيە دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق سىياسىتىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنىڭ، ئۇرۇش ساھەسىدىكى مەغلۇبىيەتلىرى سەۋەبلىك ئەرمېنىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئاجىزلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن مىنگېچېۋىر شەھىرىگە ئېىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئەزەربەيجان ھاۋا ئارمىيەسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر