تۈركىيە: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ناچارلىقىغا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرماقتا

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاننىڭ ئەرمېنىيەنىڭ ناچارلىقىغا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

1510845
تۈركىيە: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ناچارلىقىغا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ ئەزەربەيجان زېمىنلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توغرۇلۇق ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېيىلدى: «ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە قەھرىمان ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئالدىدىن قېچىۋاتقان ئەرمېنىيە ئارمىيەسى، يەنە بىر قېتىم نامەردلەرچە ۋە قورقۇنچاقلارچە گەنجەدىكى پۇقرالار ئولتۇراق رايونىغا راكېتامىيوتلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلدى. قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ناچارلىقىغا ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرماقتا.»

ئەرمېنىيەنىڭ يېرىم كېچىدە ئەزەربەيجاننىڭ گەنجە ۋە مىنگېچېۋىر شەھىرىگە قىلغان راكېتامىيوت ھۇجۇملىرىدا، 13 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 45 تىن ئارتۇق پۇقرا يارىلاندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر