ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىدىكى توقۇنۇشلار تۈن بويى داۋاملاشتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەزەربەيجان ئارمىيەسى، يېقىنقى بىرقانچە كۈن ئىچىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە، ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان يۆنىلىشلىرىدە ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان.
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە ئالدىنقى سەپ لىنىيەسىنى بويلاپ توپ ھۇجۇملىرى ئېلىپ بېرىلغان. بۇ جەرياندا، ئەرمېنىيە ئارمىيەسىنىڭ 5 – زەربىدارلار پولكىنىڭ قوماندانلىق قىلىش ۋە كۆزىتىش نۇقتىسى، 1 تانكىسى ۋە 3 توپى ئەزەربەيجان توپچى قىسىملىرى تەرىپىدىن يەر بىلەن يەكسان قىلىۋېتىلگەن.
مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ئەرمېنىيە ئارمىيەسى ئەتىگەن تەرەپلەردە تەرتەر، بەردە، ئاغدام، ئاغجابەدى، فۇزۇلى ۋە جەبرايىل ۋىلايەتلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا – قىشلاقلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە ئارمىيەسىگە قايتۇرما زەربە بەرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
ئەزەربەيجان – ئەرمېنىيە تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى قازاقىستاننىڭ ئالماتا شەھىرىدە باشلاندى.
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولماقتا
ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوف تۈركىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولماقتا.