ئەلىيېۋ: تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە 30 يىل كۈتەلمەيمىز

ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە 30 يىل كۈتۈشكە ۋاقىتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

1502131
ئەلىيېۋ: تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشى ئۈچۈن يەنە 30 يىل كۈتەلمەيمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلىيېۋ، قاتارنىڭ «‹Al Jazeera› تېلېۋىزىيە قانىلى» دا، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىنى ئىشغالدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن قوزغىغان ھەربىي ھەرىكەت ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، تاغلىق قاراباغ مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنالماسلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ ئەرمېنىيەنىڭ تىنچلىق ئورنىتىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ، شەرتسىز ھالدا ئىشغالغا خاتىمە بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك 4 قارارىنىڭ، ئېرىۋان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، «كىرىزىسنى ھەل قىلىش چارىسى باسقۇچى» نى باشقۇرۇۋاتقان ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى مىنىسك  گۇرۇپپىسىنىڭ، ئۇدا 28 يىلدىن بۇيان ھېچقانداق نەتىجىگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز، <توختاپ تۇرۇڭلار، تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىمىز، ياردەم قىلىمىز> دېگەنگە ئوخشىغان باياناتلارنى ئاڭلاۋېرىشكە ئەمدى تاقىتىمىز يوقتۇر. چۈنكى بۇنداق باياناتلارنى ناھايىتى كۆپ ئاڭلىدۇق. يەنە 30 يىل كۈتكۈدەك ۋاقتىمىزمۇ يوق. بۇ كىرىزىس ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا ھەل قىلىنىشى شەرت.»

تۈركىيە ئارمىيەسىى ئەسكەرلىرىنىڭ، قاراباغدىكى توقۇنۇشلاردىن ئورۇن ئالغانلىقىغا ئالاقىدار دەۋالارنىمۇ رەت قىلغان ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيەنىڭ ھاۋا تەۋەلىكى كىرىشىدە دۆلەتنىڭ «Su-25» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك دەۋا ھەققىدە مۇنداق دېدى: «بۇ ئويدۇرما خەۋەردۇر. بۇنى ئويدۇرغۇچىلارنىڭ دەلىل – ئىسپاتلىرى قەيەردە؟ دەلىل – ئىسپاتلىرى يوق. قوزغالغان ۋە كېيىن قونغان ھەر بىر ئايروپىلاننى كومپىيۇتېردىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئەسلىدە، ئەرمېنىيەنىڭ <Su-25> تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچقۇچىنىڭ تەجرىبىسزلىكىدىن چۈشۈپ كەتكەن.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر