ئەردوغان ھەربىي فورما كەيدى

ئەردوغان خاتايدىكى 2 – ھەرىكەت قوماندانلىق مەركىزىدە تەكشۈرۈشلەردە بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ھەرىكەتنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەردوغان تۈركىيەنىڭ ھېچ بىر دۆلەتنىڭ زېمىنىدا كۆزى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.

ئافرىندىكى تېررورچىلارنى تازىلاپ بولغاندىن كېيىن، رايوننى ئەسلىدىكى ئىگىلىرىگە تاپشۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رايوننى تېررورچىلاردىن تازىلاشنىڭ تۈركىيەدىكى سۇرىيە خەلقىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىش سۈرئىتىنىمۇ تىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەردوغان خاتايدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان پەيتتە يەنە، مۇغدىشۇدىكى تۈركىيەنىڭ سومالىدا ۋەزىپە ئۆتەش قىسىملىرى قوماندانلىقى ۋە دوھادىكى تۈركىيەنىڭ بىرلەشمە ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى بىلەنمۇ ۋىدېئولۇق كونفىرانس ئارقىلىق كۆرۈشۈپ، مەزكۇر بازىلار ھەققىدە مەلۇمات ئالدى. 

بۇ تۇيۇخسىز زىيارەتتە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغانغا مۇئاۋىن باش مىنىستىر بەكىر بوزتاغ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى نۇرەتتىن جانىكلى، ئارمىيە باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال خۇلۇسى ئاقار، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى گېنېرال ياشار گۈلەر ھەمراھ بولدى.