ئەردوغان بىلەن پۇتىن «تۈرك ئېقىمى» مۇراسىمىدا نۇتۇق سـۆزلىدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان رۇسىيە تەبىئىي گازىنى قارا دېڭىز ۋە تۈركىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزىدىغان «تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇببا لىنىيەسى لايىھەسى» نىڭ پەقەت تۈركىيە ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى قوشنىلار ۋە پۈتۈن رايون ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن ياخشى ئەۋزەللىكلەرنى سۇنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.