تۈركىيە ئانتاراكتىكا قىتئەسىدە ۋاقىتلىق تەتقىقات مۇئەسسەسەسى بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرىنى تاماملىدى.

ئانتاركتىكا قىتئەسىدە تۈرك ئالىملار بىلەن بىرلىكتە تۇرۇۋاتقان مىللىي تەنتەربىيەچى شاھىكا ئەرجۈمەن، تەتقىقات لاگېرىنىڭ ئېچىلىشىغا خاس سۇغا شۇڭغۇپ ماھارەت كۆرسەتتى.

ئۇ ماھارەت كۆرسەتكەندىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «سوغۇققا قارىماي سۇغا شۇڭغۇپ، بايرىقىمىزنى لەپىلدىتىش تولىمۇ شەرەپلىك ئىشتۇر» دېدى.