ساراينىڭ لەززەتلىرى (22) — پەتىنگانلىق قورۇما

ئوسمانلى سارىيىنىڭ بىر – بىرىدىن ئېسىل تائاملىرىنىڭ پىشۇرۇلۇش ئۇسۇللىرىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدىغان «ساراينىڭ لەززەتلىرى (ساراينىڭ مەززىلىك تائاملىرى)» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، سىلەرنى ئىزمىرنىڭ ئۆدەمىش ناھىيەسىنىڭ 700 يىللىق تارىخقا ئىگە بىرگى يېزىسىغا ئېلىپ بارىمىز. بۇ ھەپتىلىك تامىقىمىز پەتىنگانلىق قورۇمانى بىرگىدىكى بىر ئەسىرلىك ئۆتمۈشكە ئىگە بىر سارايدا تەييارلايمىز.

 

بۇ تاماقنى تەييارلاش ئۈچۈن كېتىدىغان نەرسىلەر:

1 كىلوگىرام توغرالغان گۆش

5 دانە پەتىنگان

200 گىرام سېرىق ماي

تۇز

قارامۇچ

تارچىن

بۇ تاماقنىڭ قانداق پىشۇرۇلىدىغانلىقىنى ئۇستا ئاشپەز – كۈلتۈر تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككورنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق ئۆگىنىمىز. ئۆگىنىشىمىزنى بىرلىكتە بىرگىنى سەيلە قىلىپ بولغاندىن كېيىن باشلايمىز... قېنى مەرھەمەت!