ساراينىڭ لەززەتلىرى- 19 / سۈتلۈك بادام چوربىسى

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «سۈتلۈك بادام چوربىسى» ئېتىش ئۇسۇلى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى مانىسانىڭ كۇلا ناھىيەسىنى يەنە بىر قېتىم سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،  ئىلگىرىمۇ تاتلىق – تۇرۇملۇق گۆش تامىقىنى ئېتىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغان كۇلادا، كۇلا كۆلى مەنزىرىسىنىڭ ئالدىدا، بۇ ھەپتىكى تامىقىمىز «سۈتلۈك بادام چوربىسى» نى ئېتىش ئۇسۇلىنى چۈشەندۈرىدۇ.

         

«فاتىك» ئېتىش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

 

  • ئىككى قوشۇق سېرىق ماي
  • 100 گىرام  پوستى سويۇلغان بادام
  • 3 قوشۇق ئۇن
  • بىر ئىستاكان سۈت
  • بىر ئىستاكان گۆش سۈيى
  • تۇز
  • مۇسقات (ھىندىستان ياڭىقىغا ئوخشپ كېتىدىغان  بىر  خىل ياڭاق)

           

بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى كۇلانى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.