سەلىمىيە جامەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: سەلىمىيە جامەسى ئوسمانلى پادىشاھى 2 – سەلىم ئەدىرنەدە مىمار سىنانغا سالدۇرغان جامە بولۇپ، ئەدىرنەنىڭ مەركىزىدىكى مەيدانغا جايلاشقان. مىمار سىنان 90 يېشىدا سالغان ۋە «ئۇستام بولغاندىكى ئەسىرىم» دەپ ئاتىغان بۇ جامە، مىمار سىنان ۋە ئوسمانلى بىناكارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قۇرۇلۇشلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.