جىھانگىر جامەسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: قانۇنى سۇلتان سۇلايمان جىھانگىر جامەسىنى 1559 – يىلى شاھزادە جىھانگىر نامىغا مىمار سىنانغا سالدۇرغان. ئىستانبۇل بەيئوغلۇ رايونىدىكى پۈرتەلاش مەھەللىسىگە جايلاشقان. بۇ جامە بىر قانچە قېتىملىق يەر تەۋرەش ۋە ئوت ئاپەتلىرىدە يىقىلىپ، قايتىدىن ياسالغان. ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 1889 – يىلى قايتىدىن رېمونت قىلىنغان.