ئانتىراكتىكادا 118 يىللىق رەسىم تېپىلدى

يېڭى زېلاندىيەلىك تەتقىقاتچىلار ئانتىراكتىكادىكى بىر تارىخىي كەپىدە ياخشى ساقلىنىپ قالغان بىر پارچە 118 يىللىق سۇ بوياق رەسىمنى تېپىۋالدى. بۇ رەسىمنى 1912-يىلى جەنۇبىي قۇتۇبتىن قايتقاندا ئۆلۈپ كەتكەن ئېكىسپىدېتسىيە ئەترىتىدىكى ئەنگلىيەلىك دوختۇر ئېدۋارد ۋىلسون سىزغان. ۋىلسون ياۋروپادا ئۆپكە تۇبىركۇليۇز كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقاندا سىزغان بۇ رەسىمنىڭ قانداق بولۇپ ئانتىراكتىكادىكى كەپىگە كېلىپ قالغانلىقى ھازىرغىچە سىر پىتى تۇرماقتا.