ۋاشىنگتون 58-قېتىملىق قەسەم بېرىش مۇراسىمىغا تەييارلاندى

ۋاشىنگتون شەھىرى تۇنجىسى 1789-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن قەسەم بېرىپ، ھوقۇق تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىنىڭ 58-قېتىملىقىغا تەييارلاندى. ئالدى بىلەن، ئوباما ۋە ترامپ ئاقسارايدا كۆرۈشىدۇ. ئارقىدىن، ترامپ شۇ يەر ۋاقتى چۈش بىلەن ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىسى جون روبېرتسنىڭ ئالدىدا ئىنجىل تۇتۇپ قەسەم بېرىدۇ. بىراق، يەنە بىر تەرەپتە 200 مىڭ ئامېرىكا ئاياللىرى نامايىش قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇراسىمغا 200 مىليون دوللار خەجلەندى.