ساراينىڭ لەززەتلىرى - 26

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئاشخانىلىرىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان «كۈنەفە» تەييارلاش ئۇسۇلى.

ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى ئوردىسىنىڭ ئاشخانىلىرىنىڭ مەشھۇر تاماقلىرىدىن بىرىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىدىغان پىروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىكى بۆلۈمىدە، بىز سىلەرنى ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر ۋە كۈلتۈرلەرنى ئۇچراشتۇرغان خاتاينى سەيلە قىلدۇرىمىز.

 باش ئاشپەز - ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىم،   مەدەنىيەتلەر بۆشۈكى خاتاينىڭ خاتاينىڭ كەم بولسا بولمايدىغان لەززىتى «كۈنەفە» تەييارلاش ئۇسۇلىنى  «ئىسلەندەرۇن قولتۇقى» دا چۈشەندۈرىدۇ.

         «كۈنەفە» تەييارلاش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ماتېرىياللار تۆۋەندىكىچە:

  • بىر كىلوگىرام  كادايىف
  • يېرىم كىلوگىرام سېرىق ماي
  • يېرىم كىلوگىرام كۈنەفە پىشلاقى
  • بىر ئىستاكان پەكمەز

شەربىتى ئۈچۈن:

  • 1 كىلوگىرام دانچە شېكەر
  • 1 لىتىر سۇ

           بۇ تاماقنىڭ قانداق ئېتىلىدىغانلىقىنى، باش ئاشپەز – ئاشپەزلىك سەنئىتى تەتقىقاتچىسى ھۆرمەتلىك يۇنۇس ئەمرە ئاككور ئەپەندىمنىڭ چۈشەندۈرۈشى ئارقىلىق سىلەرگە تونۇشتۇرۇشتىن بۇرۇن، سىلەرنى خاتاينى ئايلاندۇرۇپ چىقماقچىمىز.