ئۇكرائىنادا ھەربىي ئىسكىلاتتا پارتلاش يۈز بەردى

ئۇكرائىنانىڭ مەركىزىدە، كىيېۋنىڭ غەربىگە 270 كىلومېتىر كېلىدىغان بىر ھەربىي قورال-ياراغ ئىسكىلاتىدا پارتلاش يۈز بەردى. پارتلاش يۈز بەرگەن رايون ئەتراپىدىن تەخمىنەن 30 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى. ئۇكرائىنا باش مىنىستىرى ۋولودىمىر گرويسمان ۋەقەنىڭ ئارقا پەردىسىدە سىرتقى كۈچلەرنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.