رۇسىيە ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت باشلىدى

ۋىلادىمىر پۇتىن ئالاھىدە بىر ھەربىي ھەرىكەت باشلىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، ئۇكرائىنادا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى داۋاملاشماقتا.

ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن پارتلاش خەۋەرلىرى كەلمەكتە. تانكىلار ۋە ھەربىي ئاپتوموبىللار بېلورۇسىيە چېگراسىدىن ئۇكرائىناغا كىرگەن ۋە دۆلەتنىڭ شەرقىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى كەلمەكتە.

رۇسىيە ئارمىيەسى ئاھىلىلەر زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلمىغانلىقىنى، ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە باشقا ھەربىي مەۋجۇتلۇقلىرىغا مەركەزلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر زېلېنسكىي ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىپ، «رۇسىيەنىڭ ھەرىكىتى ئادالەتسىز، ئالدامچىلىق ۋە جەڭ ئېلان قىلغان بىر ئىشغالىيەتتۇر» دېدى.

زېلېنسكىي يەنە، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مۇستەقىللىقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇكرائىنانىڭ رەسمىي تىۋىتتېر ھېسابى بۇ رەسىمنى ھەربىي ھەرىكەت باشلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ھەمبەھىرلەندى.

ھۇجۇملار ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى بۇ ھەپتىدە ئىككى قېتىم جىددىي يىغىن ئاچقاندىن كېيىن يۈز بەردى.

ھەربىي ھەرىكەت خەلقئارا سودىغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. يەرشارى پايچېكى بازىرىنىڭ داۋاملىق تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، بىر ۋارىل نېفىت 8 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم 100 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى.