گېرمانىيەدە جامەگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى كۆپەيمەكتە

گېرمانىيەدە بۇلتۇرمۇ 75 جامە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بولۇپ، ھۇجۇمنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ ئاران 16سى تۇتۇلدى. جامەلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئېشىپ بېرىشى گېرمانىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان بولۇپ، جامەلەر ئىرقچى ۋە ئىسلامغا قارشى سىمۋوللار بىلەن ھۇجۇمغا ئۇچرىماقتا ھەمدە پات-پات بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرىماقتا.