بىرازىلىيەدىكى كەلكۈنلەردە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 20 گە يەتتى

بىرازىلىيەنىڭ شىمالىدىكى باخىئا ئۆلكىسىدىكى 37 شەھەردە كەلگۈن ئاپىتى يۈز بەردى.

ئالاقىدار تارماقلار، ئاپەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان 430 مىڭ 869 كىشىدىن 16 مىڭىنىڭ ئۆي- ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، 19 مىڭ 580 كىشىنىڭ بىخەتەر جايلارغا تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.